تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇش شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى چەتئەلگە تۇتاشتى

تۈنۈگۈن فرانسىيىنىڭ نالاندا دېگەن جايىدىكى بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ تىبەت راھىبى ئىبادەتخانا ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان راھىب ئەسلى ئەنگلىيە ۋەتەندىشى بولۇپ، ئۇ يارىدار ھالەتتە ئەنگلىيىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيىدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانا 1981-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 50 نەچچە راھىب دىنىي ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان راھىب، ئوت قويۇشنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق سۆز ياكى ۋەسىيەت قالدۇرمىغان؛ ئەمما ئۇنىڭ دوستلىرى، ئۇنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىگە ئوت قويۇش ھەرىكىتىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىگە ئوت قويۇش يولى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە دۇنيا جامائىتىنى تىبەت مۇستەقىللىقىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى، بۇلتۇر 3-ئايدا باشلانغان ۋە ھازىرغا بۇ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 60 تىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، بىر نەپەر 14 ياشلىق تىبەتلىك ئۆسمۈر ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت