پاكىستان ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا غايەت زور ھەربىي كۈچنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.13
2010.01.13
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ھىندىستان يېقىندا رۇسىيىنىڭ 'نېرپا' بەلگىلىك ئاتوم قۇۋۋىتى سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىجارە ئالغاندىن كېيىن، ھىندىىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى دىپاك كاپۇر، ھىندىىستان ھازىر پاكىستان بىلەن خىتايغا بىرلا ۋاقىتتا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ جاكارلىغان ئىدى.
2008 - يىلى 11 - ئايدا، پاكىستانغا قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ 166 نەپەر بىگۇنا ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھىندىىستان بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە باشلىغان ئىدى.