سۈرىيىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 16 كىشى ئۆلدى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.09.27
2008.09.27
سۈرىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتىلاش پايتەخت دەمەشق شەھىرىنى ئايرۇدۇرۇمغا تۇتاشتۇرىدىغان تاش يول ئۈستىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، پارتىلاش يۈز بەرگەن يەرنىڭ يېقىندا بىر شىيە ئىبادەتگاھى ۋە بىر ساقچى پونكىتى بار ئىكەن.
پارتىلاشنىڭ كىملەرنى ۋە نېمىنى نىشان قىلغانلىقى ياكى كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەمما سۇرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېسسام ئابدۇلمىجىت پارتىلاشنى بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىگۇناھ پۇقرالار ئىكەن.
رۇسىيە شۇنداقلا فرانسىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەر پارتىلاشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ سۇرىيە پرېزىدېنتىغا بىر تەزىيە خېتى ئەۋەتىپ، پارتىلاشنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى بىر ھەرىكەت دەپ تەسۋىرلىگەن.









