ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك سۈت پاراشوكى سەۋەبلىك 967 بالىنىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلىقى ئېنىقلانغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.09.23
2008.09.23
ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە نازارىتىنىڭ 22 - سېنتەبىر ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدا، مەسىلە كۆرۈلگەن بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلىۋاتقان 18 مىڭ 117 بالىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇلارنىڭ 967 نەپىرىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى مەلۇم بولغان ، سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ كېسەللىك كۆرۈلگەن بالىلارنىڭ 367 سى ئۈرۈمچىدە، 122 سى قەشقەردە، قالغانلىرى ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردە بايقالغان بولۇپ ھەممىسىنىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلىقى ئېنىقلانغان.
خىتايدا ھازىرغا قەدەر سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن باشقا 22 شىركەت ھەم زاۋۇتلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن 69 خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىدا مېلامىندىن ئىبارەت زەھەرلىك ماددا بايقىلىپ پېچەتلەنگەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارمان، ئىخلاس، مەيچۈئېر قاتارلىق 80 دىن كۆپرەك شىركەتنىڭ 104خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىردەك مېلامىن قاتارلىق زەھەرلىك ھەمدە سالامەتلىككە زىيانلىق ماددىلار بايقالمىغان بولۇپ، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.
بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىستىمالچىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان سۈت پاراشوكلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان ئاتا - ئانىلار ئەندىشىدىن قۇتۇلغان. شۇنداقلا ئەسلى خىتايدا ئانچە نەزەرگە ئېلىنمىغان ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئىچىدىمۇ بازار تېپىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولماقتا ئىكەن.









