پاكىستاندىكى يېمەك- ئىچمەك تارقىتىش مەركىزىدىكى پارتلاشتا 45 ئادەم ئۆلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بانجۇر ۋىلايىتىدە شەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 45 ئادەم ئۆلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، ۋەقەگە ئۇچرىغانلار ئارىسىدا بالىلارمۇ بار. مەزكۇر جاي تالىبانلارغا قارشى قەبىلىلەر رايونى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر تالىبانغا قارشى كۈرەشلەرنى قوللىغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزىنى ئورىغان بىر ئايال دۇنيا ئاشلىق پروگراممىسىنىڭ بىر يېمەك-ئىچمەك تارقىتىدىغان مەركىزىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن ئۇ يەرگە بىر قول بومبىسى تاشلىغان، ئارقىدىن ئادەملەر توپى ئارىسىغا كىرىپ، ئۆزىنى پارتلاتقان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي ھەمدە بدت باش كاتىپى بانكىمون قاتارلىقلار بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىدى.