خىتاي پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىداش رايونلىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

«ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ پاكىستاندىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان رايونى ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىداش بولغان شىمالىي رايونلىرىنىڭ بىرىدە ھەربىي بازا قۇرۇش ئۈچۈن پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرىنى باشلىۋەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-10-25
Share

خەۋەردە، «خىتاي دائىرىلىرى ئەل-قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان ۋە ئاساسىي مەقسىتى شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈشنى نىيەت قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ئوخشاش بۆلگۈنچىلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر رايونلارنىڭ بىرىدە ھەربىي بازىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلماقتا»، دەپ بايان قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئىيۇلدا قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پاكىستاندا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پاكىستان دائىرىلىرىمۇ ۋەقەدىن كېيىن كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ، خىتاي بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ پاكىستانلىق بىر دىپلوماتنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خىتاينىڭ پاكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش مەسىلىسى كۆپ قېتىم ئىككى دۆلەت سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان.

بۇ مەسىلە يېقىنقى ئايلاردىن بېرى پاكىستانغا زىيارەت ئېلىپ بارغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت