پاكىستان ش. تۈركىستان جەڭچىلىرىگە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
مالىك، ش. تۈركىستان جەڭچىلىرىنىڭ پاكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تاغلاردا تالىبانلار ۋە باشقا گۇرۇھلار بىلەن "گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرغانلىقى" نى ئەسكەرتىپ، پاكىستاننىڭ قولغا چۈشكەن ئۇيغۇرلارنى بولسا يەنە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىز تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز. قولغا چۈشكەنلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ... ئۇلار ئىككىلەنمەي خىتاي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى لازىم." ئۇ يەنە خىتاينىڭ پاكىستان ساقچى قىسىملىرىنى ئاخبارات ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكىستاندا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 9 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. پاكىستان بۇ ھەرىكىتى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، مۇساپىرلارنى قوغداش توغرىسىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامىلارنى ئاياغ - ئاستى قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
راخمان مالىك يەنە، "مېنىڭچە، ئۇلار ھەرىكىتىنى يەنە مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى سۋات ۋادىسىدىن ئايرىلغان، ئۇلارنىڭ قايتا ئۇيۇشۇش ئېھتىماللىقى بار. لېكىن بىز پۈتۈن ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىگە يول قويمايمىز" دېگەن.