پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى سۋات ۋادىسىدا يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىق بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پارتلاش سۋات ۋادىسىدىكى ئاساسلىق شەھەر مىنگورادىكى بىر ساقچى پونكىتىدا بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.08.31

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پارتلاتقۇچى ساقچى فورمىسى كىيىپ، مەزكۇر ساقچى پونكىتىدا مەشىق قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان ئىكەن.

سۋات ۋادىسى تالىبانلارنىڭ ئاساسلىق بازىسى سۈپىتىدە يېقىندا پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ، بۇ يەردىكى تالىبان قالدۇقلىرى تازىلانغان بولسىمۇ، ئەمما، بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خانىۋەيران بولۇپ، ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا تەرەپ پاكىستاننى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئامما يەكشەنبە كۈنى پاكىستان تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.