خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ پاكىستاندا تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى پاكىستاندىكى تېررورلۇق بازىلىرىدا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.01.24
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ سۆزنى ھىندىستاندىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ بىرى بولغان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان. ھىندىستاندىكى خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى جادىكال 20-يانۋاردىن باشلىغان 5 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا پاكىستاننىڭ ھىندىستانغا تېررورلۇق تەھدىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، پاكىستاننىڭ ياخشى دوستى بولغان خىتاينىڭ بۇنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قايتۇرغان جاۋابىدا پاكىستان ئىچكى قىسمىدا ھەقىقەتەن تېررورلۇق بازىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،" بىر قىسىم ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر پاكىستاندىكى بۇ بازىلاردا تەربىيىلەنگەن" دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە تېررور قالپىقى كىيدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەلقائىدە قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ھەققىدە كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق تەقىبگە ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.