پاكىستانلىق ئۇيغۇلار پاكىستاننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشكە قېتىلمىدى
بۈگۈن، يەنى 14 - ئاۋغۇست پاكىستان مۇستەقىللىق بايرىمىدا، بۇ دۆلەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھېچقانداق بىر تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قېتىلمىغان؛ بۇنىڭ ئورنىغا ئۈرۈمچى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەپ، قۇرئان تىلاۋەت ئۆتكۈزگەن.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى قۇرئان - تىلاۋەتكە ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك پاكىستانلىقلار بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن؛ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان 26 دۆلەت دىپلوماتلار زىيارەت ئۆمىگىدىكى پاكىستان ۋەكىلى خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل نامايىشىنى قاتتىق قول باستۇرۇشىنى قوللاپ پىكىر بايان قىلغان.
پاكىستاندىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، پاكىستان دۆلەت بايرىمىنى تە برىكلەشكە قېتىلماسلىقى، پاكىستان ۋەكىلىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە، پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، پاكىستان خەلقىدىن رازىلىقىنى، بولۇپمۇ سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى چەت - ياقىدىكى پاكىستان خەلقىنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.