ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار ئاشكارىلانماقتا

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار ئاشكارىلانماقتا.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.07.31

ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى مەدەنىيەت ئىدارىسى، تەنتەربىيە ئىدارىسى ھەمدە ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ 10 ماددىلىق «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ئەھدىنامىسى» گە قول قويغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلدى. قەشقەر توربېتىدىمۇ، قەشقەر ئەنجان كوچىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ 20-ئىيۇل (رامزاننىڭ 1-كۈنى) «رامزان مەزگىلىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ھەم دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار چاي سۆھبىتى» ئۇيۇشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم جايلاردا دائىرىلەر رامزان مەزگىلىدە مەخسۇس دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنى يوقلاش پائالىيىتى نامىدا، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە مېۋە -چېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن بۇ نەرسىلەرنى ھەمداستىخان ئولتۇرۇپ يېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روزا-تۇتقان تۇتمىغانلىقىنى تەكشۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەۋاتقانلىقى مەسىلىسى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 30-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان 2012-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.