ئىسرائىلىيە ۋە خاماس ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىر ئورمۇت ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى خاماس تەشكىلاتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەمدە بارلىق پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاماسنىڭ باياناتچىسى ئۇلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىر ھەپتە بولىدىغانلىقى، بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيىنىڭ يەنىلا ھەر بىر مىنۇتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

پەلەستىن تەرەپ يەنە غەززەدىكى ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ئاستىدىن 95 جەسەت تاپقانلىقىنى، ئۈچ ھەپتىلىك ئۇرۇش جەريانىدا 1300 پەلەستىنلىك ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەكشەنبە كۈنى يەنە مىسىردا ئېچىلغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىنى توختىتىش مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك ھالدا ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت باش كاتىپى بانكىمونمۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي رىياسەتچىلىك قىلغان. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدىن قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان.
تولۇق بەت