خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدىكى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىگە خاتا مەشغۇلاتنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن يەر ئاستى پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار 12 كىشىگە چارە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.10.06

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، شاڭخەيدىكى يەر ئاستى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىگە تېخنىك ئامىللار ئەمەس، ئىشچىلارنىڭ خاتا مەشغۇلاتى سەۋەب بولغان، دېگەن.

ئەمما، شاڭخەي يەر ئاستى پويىز شىركىتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، شۇ كۈنى سىگنال سىستېمىسىدا خاتالىق كېلىپ چىقىپ، ئاپتوماتىك باشقۇرۇش ئەمەلدىن قالغانلىقتىن ئىشچىلارنىڭ مەشغۇلاتى جەريانىدا خاتالىق سادىر بولغان، دېگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، سىگنال سىستېمىسىدىكى خاتالىقنى تىلغا ئالمىغان.

بۇ يىل 6-ئايدا ۋېنجۇدا تېز پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى بولۇپ، 40 تىن ئوشۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شاڭخەيدىمۇ ئوخشاش ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى خىتاينىڭ دۇنيادا ئەڭ ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە دەپ كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تېخنىكىسىغا نىسبەتەن جىددىي گۇمانلارنى پەيدا قىلغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىرى ۋېنجۇ ۋە شاڭخەيدىكى ۋەقەلەردە ئوچۇق مەلۇمات بەرمەي، ۋەقەنىڭ سالمىقىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنۇشىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.