قاغىلىق ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇش س ن ن قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى

خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىق ناھىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ھازىرغىچە ئەڭ ئاز 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خەلقئارالىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-01
Share

ۋاشىنگتون پوچتىسى، ئىقتىسادچى گېزىتى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى، تېلېگراف گېزىتى ۋە س ن ن قاتارلىق خەلقئارالىق گېزىت ۋە تېلېۋىزىيىلەر بۇ ھەقتە كەڭ خەۋەر قىلدى. مەزكۇر ئاخبارات ئورگانلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە ۋەقە ھەققىدە مۇستەقىل ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى رەسمىي بايانلىرىغا ئورۇن بەردى.

يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان مەتبۇئاتلار خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى رايوندا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ۋە «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەنى داۋاملىق تېررورلۇققا باغلاپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە» دېگەن. ئۇلار بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار رايوندىكى ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر يەنە ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ۋە تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. نۆۋەتتە قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى يېڭى ۋە مۇستەقىل ئۇچۇرلار ھەممىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت