خىتاي دائىرىلىرى «قاغىلىق ۋەقەسى» قاتناشقۇچىلىرىدىن ئابدۇكېرىم مامۇتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى، 26-مارت قاغىلىق «بەخت يولى ۋەقەسى» قاتناشقۇچىلىرىدىن ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئابدۇكېرىم مامۇت «تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش»، «ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش»، «قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بىراق، سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر دېلو ئۈستىدىن ئۆلۈم پەرمانى چىقىرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا گۇمان پەيدا قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئابدۇكېرىم مامۇتنىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق سوتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆزى خالىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلالىغان- قىلالمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلغان- قويۇلمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا نامەلۇم.

ئابدۇكېرىم مامۇت بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بەخت بازىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالغان بىردىن-بىر كىشى. ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان سەپداشلىرىدىن 7 كىشى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان.

بىر كىشى يارىلىنىپ قولغا چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتايلاردىن 15 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئابدۇكېرىمنىڭ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەرز قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت