خىتاينىڭ قانۇنسىز ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىسى ئافرىقا ۋە ئاسىيا ئورمانلىرىنى ۋەيران قىلماقتا

يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئەۋج ئالغان قانۇنسىز ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىمپورتى سەۋەبىدىن ئافرىقا ۋە ئاسىيا ئورمانلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى خەلقئارا مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.11.29

مەركىزى لوندوندىكى تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش ئورگىنىنىڭ 29-نويابىر چارشەنبە كۈنىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قانۇنسىز ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىمپورتى سەۋەبىدىن ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى تەبىئىي ئورمانلىق بەلۋاغلىرى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان.

خىتايدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرى ئاساسەن ئىمپورتقا تايىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يىللىق قانۇنسىز ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىمپورتى 4 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ بىرما، لائۇس،كامبودژا،تايلاند، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى قاتارلىق دۆلەتلەردىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگۈزگەن ياغاچ ماتېرىياللىرى بۇ رايونلاردىكى يامغۇرلۇق رايون ئورمان بەلۋاغلىرىنى ۋەيران قىلىشقا يۈزلەندۈرگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مۇھىت قوغداش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى دوئېردى خانىم خىتايدىن، قانۇنسىز ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىسى ھەققىدە خەلقئاراغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ياغاچ ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.