ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا يەنە قار - يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ 7 ئادەم ئۆلگەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى رايونلار بۇ ھەپتە يەنە قار ‏ ۋە قار ئارىلاش يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 7 ئادەم ئۆلگەن، 120 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. قار ۋە قار ئارىلاش يامغۇر ئاپىتى ئاساسلىقى ئىلى، بۆرتالا، سانجى، چۆچەك قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى 17 ناھىيىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىۋاستە ئىقتىسادى زىياننىڭ 150 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلار نازارىتى، كۈيتۇڭ شەھىرى يېقىنقى 52 يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈپ باقمىغان يىغىنغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، 61 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى قار كۈيتۇڭنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى، شىخۇ شەھىرىگە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 55 سانتىمېتىرغا يېتىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ شىخۇدا 57 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، قار ۋە يامغۇر ئارىلاش قار ئاپىتىدە ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنىڭ سانى 4000 ئېغىز، زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەر 30 مىڭ ئېغىز بولۇپ، ئۆلگەن چارۋا ماللارنىڭ توپلام سانى 22 مىڭ.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى ئىلى رايونىدا ياغقان قار ئارىلاش يامغۇر ناھايىتى شىددەتلىك بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قورو - جايى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. لېكىن يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە دائىرىلەرنىڭ قانداق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت