ئۇيغۇر رايون رەھبەرلىرى 2013-يىلىدا يەنىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلدى. خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن جۈمە كۈنى چاقىرىلغان 2013-يىللىق مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.01

ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش نىسبىتى 96 پىرسەنتكە يەتكەن بولسىمۇ، مۇقىملىق ئاساسىنىڭ يەنىلا ئاجىزلىقىنى ئەسكەرتىپ، زەربە بېرىش خىزمىتىدە تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى، ئۇچۇر ئىگىلەشنى، ئىنتېرنېت تور بېتىنى نازارەت قىلىشنى، نۇقتىلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

يىغىندا ئۇيغۇر رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىمۇ سۆز قىلىپ، تېررورچىلارغا قىلچىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلماي، «2 مىنۇت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇش» دەيدىغان پرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۆتكەن تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئېلىشنىڭ ئورنىغا يەنىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەكىتلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى يىلدا ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت تېررورچىلىقىدىن باشقا ھېچقانداق تېررور ھەرىكىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.