خىتاي دائىرىلىرى: «قايتا تەربىيىلەش» مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كاپالىتى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ «قايتا تەربىيىلەش» خىزمىتى باشلانغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 1700 دىن ئارتۇق ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئېچىلغان 2012-يىللىق قايتا تەربىيىلەش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى مەزكۇر خىزمەتنى يېڭى بىر يىلدىمۇ ئىزچىل داۋام قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنىڭ كاپالىتى، دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەنلەرنى سەۋىيىسى يېتەرلىك ئەمەس دېگەن باھانە بىلەن ئىچكىرىگە ئەۋەتىۋېتىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر ئەھۋال. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كۆچمەن يۆتكەش مەقسىتى يوشۇرۇنغان بىر سىياسىي ئويۇن دەپ قارىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ياشلارنىڭ سانىمۇ ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، ئالدىمىزدىكى 4-ئاي مەزگىلىدىلا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان 800 نەپەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن. بۇ، ئۈچ ئايدىن بۇيان يولغا سېلىنغان 3-تۈركۈم ياشلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت