قازاقىستان تۈركىيىدىن ئورتاق ھەربىي مانېۋېر ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان تۈركىيىدىن ئورتاق ھەربىي مانېۋېر ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قازاقىستان مۇداپىئە مىنىستىرى جاقسىبېكوف بۇ تەلىپىنى تۈركىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئاتىللا گۈناي بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا ئاشكارىلىغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.21

قازاق مىنىستىر جاقسىبېكوف سۆزىدە قازاقىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيىنىڭ، قازاقىستاننىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قازاق مىنىستىر جاقسىبېكوف، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۆز - ئارا ئىشەنچ ئاساسىدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

جاقسىبېكوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي نوقتىلىرى قازاق ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيىدە تەلىم - تەربىيە ئېلىشى، قازاقىستان ئالاھىدە ھەرىكەت بىرلىكلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە قوراللىنىشى شۇنداقلا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تېمىغا مەركەزلەشكەن.

تۈركىيە قازاقىستان مۇستەقىللىقىگە ئېرىشكەندىن بۇيان نۇرغۇن ساھەلەردە قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە 2003 - يىلىدىن بېرى قازاقىستان ئارمىيىسى ئۈچۈن ھەربىي مەكتەپلەردە 200 دىن ئارتۇق ئوفىتسېرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.