قازاقستان ئۇران قېزىش ھوقۇقىنى چەتئەلگە ساتقان ئەربابنى قاماققا ئالدى

قازاقستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇران قېزىش ھوقۇقىنى چەتئەلگە ساتقان سابىق يادرو ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ باشلىقى مۇقتار داكىشېفنى قاماققا ئالدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇقتار داكىشېف قاتارلىق كىشىلەر قازاقستاننىڭ قىزىلقۇم ئۇران كانلىرىنى قېزىش ھوقۇقىنى چەتئەللەرگە سېتىش ئارقىلىق كۆپ مەنپەئەت قازانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.05.27

قازاقىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇلار 2005 ‏ - يىلى كان قېزىش ھوقۇقىنى ساتقان پۇلنىڭ 30% ى، ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ كانادا بانكىسىدىكى ئامانەت ھېساباتىغا كىرىپ بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. مۇقتار ئەپەندى بىر قېتىملىق سودىدىلا 103 مىڭ دوللار قازانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇران زاپىسىنىڭ 20% ى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن چېگرىداش قازاقىستاندا دەپ ئېيتىلاتتى. بۇلتۇر قازاقىستاندا 8500 توننا ئۇران قېزىلدى.

2009 ‏ - يىلىدا بولسا 11 مىڭ 900 توننا ئۇران قېزىلدى. بۇ دۆلەت 2010 ‏ - يىلىدا، ئۇران قېزىش مېقدارى بۇيىچە ئاۋسترالىيە بىلەن كانادادىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.