قازاقىستان بىلەن ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تىنچلىق ئۈچۈن قوللىنىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن، قازاقىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تىنچلىق ئۈچۈن قوللىنىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-03-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسولتان نازاربايېف 2008‏ - يىلى ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا، قازاقىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تىنچلىق ئۈچۈن قوللىنىش كېلىشىمى ئىمزالاش ھەققىدە سۆھبەت باشلانغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ قېتىملىق ئاڭلاشما ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بۇ قازاقىستان بىلەن ياپونىيىنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تىنچلىق ئۈچۈن قوللىنىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى، بۇ قېتىم قازاقىستاننىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاقىلبېك كامبالدىنوف بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتسۇيا ئوكادا ئىمزالىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت