قازاقىستان پرېزىدېنتى ئۆزىگە بېرىلگەن ئىمتىيازنى رەت قىلدى
ئۆتكەن ئاي قازاقىستان پارلامېنتى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنى "مىللىي داھىي" دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋە ئائىلە تاۋاباتىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئۇلارنى تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بېكىتكەن.
قانۇندا يەنە، نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قارار قىلىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مال - مۈلكىگە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى.
مەزكۇر قانۇن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋە رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ قارارنىڭ قازاقىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئېغىر زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.