قازاقىستانلىق ژورنالىستلار ھۆكۈمەتتىن 'بۇزغۇنچى' تور بەتلەرگە تەبىر بېرىشنى تەلەپ قىلدى

بۈگۈن قازاقىستانلىق ژۇرنالىستلار ھۆكۈمەتنى زادى قانداق تور بەتلەرنىڭ "بۇزغۇنچى" تور بەت بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشكە چاقىردى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 8 - ئايدا ئىنتېرنېتكە دائىر بىر قارار ماقۇللىغان بولۇپ، قارارغا ئاساسەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە تور بەتلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.03.29

ئەركىن ياۋرۇپا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، قازاقىستان دائىرىلىرى قايسى تور بەتنىڭ قانداق بولغاندا "بۇزغۇنچى" كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن. ئالمۇتادىكى ئاخباراتنى كۆزىتىش ئورگىنى بولغان "ئادىل سۆز" ئورگىنىنىڭ باشلىقى تامارا كالېۋانىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن قازاقىستاندىكى "قازاقىستان ژۇرنالىستلار بىرلىكى" قاتارلىق بىر قانچە چوڭ ژورنالستلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىشىپ ھۆكۈمەتكە ئوچۇق خەت يېزىپ، "بۇزغۇنچى" سۆزىگە ئوچۇق تەبىر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

تامارا كالېۋا سۆزىدە: "قازاقىستاندىكى ھېچقانداق بىر تور بەت ئىگىسىنىڭ، تور باشقۇرغۇچىسىنىڭ ۋە خەۋەر بەتلىرىنىڭ تەھرىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قايسى ئۆلچەم بويىچە "بۇزغۇنچى تور بەتلەر" نى ئايرىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوق،" دېگەن ۋە بۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئەركىن دىئالوگنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئوچۇق - ئاشكارا بولماسلىقتەك ئەھۋالنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا قانۇنسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

قازاقىستان ئىزچىل ھالدا ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. تېخى يېقىندىلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى تەن جازاسى ۋە ساقچىلارنىڭ قانۇنسىز ئادەم تۇتۇش قىلمىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.