نازاربايېف، خىتاي بىلەن قازاقىستان-ئۇيغۇر ئىلى پاسىلىدىكى چېگرا ھالقىغان دەريالار مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى قانداق تەقسىم قىلىش مەسىلىسى خىتاي-قازاقىستان ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئىختىلاپلاردىن بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-02-25
Share

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، ئۆزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان خىتاي زىيارىتىدە تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئېرتىش ۋە ئىلى دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئورتاق تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە شۇنداقلا سۇ تەقسىماتى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

رۇسىيە ۋە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇھىتنى ئاسرىغۇچىلار، خىتاينىڭ ئېرتىش ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىپ، سانائەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشى يۇقىرىقى دەريالارنىڭ قازاقىستان تېررىتورىيىسىدىكى تۆۋەنكى ئېقىمىغا بارىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئىلى دەرياسىنىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى تۆۋەنكى ئېقىمى قازاقىستاننىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، بۇ رايوندا يەنە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى.

مۇھىتنى قوغدىغۇچى بەزى پائالىيەتچىلەر قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى داۋاملىق قىسىلسا، بايقاش كۈلى قۇرۇپ، دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىسى ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قازاقىستاندىكى بەزى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي قازاقىستاننى ئۆزىگە موھتاج قىلىپ قويۇش ئۈچۈن دەريا سۈيىنى قەستەن باشقا رايونلارغا باشلىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن قارىمايغا بارىدىغان قانال قېزىپ، ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى قارىمايغا باشلىغان.

لېكىن، بۇ قازاقىستاننىڭ زايسان كۆلىگە قۇيۇلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قازاقىستان ھەم رۇسىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستان رەھبىرى بۇ مەسىلىنى بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدىكىدەك جىددىي تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت