خىتاينىڭ سىچۈئەن ئۆلكىسىدە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ سىچۈئەن ئۆلكىسىدە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 100 گە يېقىن ئادەمدە زەھەرلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.03.15

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆسمۈرلەر ئىكەن. نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تەخمىن قىلىنغان زاۋۇتنى تاقىۋەتكەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، سىچۈئەن ئۆلكىسى لوڭ چاڭ ناھىيىسى دۈشەنبە كۈنى، مەزكۇر ناھىيىگە جايلاشقان جۇڭيى بىرىكمە مېتال شىركىتىگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان 1600 ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 94 ئادەمدە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 88 نەپىرى ئۆسمۈرلەر ئىكەن. تەكشۈرۈش پەقەت مەزكۇر زاۋۇتنىڭ 800 مېتىر دائىرىسىدىكى ئاھالە ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە يەنە 745 نەپەر ئادەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

خىتاي ئاخباراتلىرى دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە لوڭ چاڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جۇڭيى بىرىكمە مېتال شىركىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن.

قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش خىتايدا بىر قەدەر ئېغىر كۆرۈلىدۇ. ئۆتكەن يىلى خېنەن ئۆلكىسىدە 1000 نەپەرگە يېقىن ئۆسمۈرنىڭ قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئىسپاتلانغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.