خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇتۇبى ناھىيىسىدە چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇرماقچى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇتۇبى ناھىيىسى تەۋەسىدە چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇرماقچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.03.15

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەبىئىي گاز ئامبىرىنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى " جۇڭگو نېفىتى" شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارمىقى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاراماي شەھىرىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى، مەزكۇر گاز ئامبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىش پەسلىدىكى گاز يېتىشمەسلىكى ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گاز ئامبىرىغا نەچچە مىليارد كۇب مېتىر گاز سىغىدىكەن. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل قىش مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە يېقىلغۇ گازى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈنگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ئىنتايىن مول تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە. خىتاي ئاخباراتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرى ئىستېمال قىلىدىغان تەبىئىي گازلارنىڭ 70 پىرسەنتىنى " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسى" تەمىنلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق بۇ يىل فېۋرال غىچە 60 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەلگەن. دەل مۇشۇ پەيتتە بۇ يىل قىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈنگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.