ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بۇزۇشقا باشلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.03.25
2009.03.25
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'قەشقەر ئاھالىلىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش' دەپ ئاتالغان پىلانى بويىچە بولغاندا، قەشقەردە كېلەر بەش يىلدا، قەدىمىي ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرى ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بەش كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى 65 مىڭ ئائىلە ئۇيغۇر( ئىككى يۈز يىگىرمە مىڭ نوپۇس) ئۆز ئۆيلىرىدىن كۆچۈرىۋېتىلىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىمارەتلەرنى بۇزماقچى بولغانلىقى - - خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان يەنە بىر ئەمەلىي تەدبىرى. بۇ، يىپەك يولىدىكى دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى ساقلىنىۋاتقان بىر 'تەبىئىي مۇزېينى بۇزغانغانلىق بىلەن باراۋەر.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ باياناتىدا خەلقئارا تەشكىلاتلارنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا مەدەنىي مىراسلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى دەرھال توسۇشقا چاقىردى.