قەشقەر يەرمەنكىسى باشلاندى

ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان قەشقەر خەلقئارالىق يەرمەنكىسى 28 - ئىيۇن كۈنى رەسمىي باشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى" دەپ ئاتالغان مەزكۇر يەرمەنكە پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قەشقەر شەھىرىدىكى پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار ئىشتىراك قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.06.28

تەڭرى تاغ تورىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدە نامايەن بولۇشىچە، رەئىس سەھنىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاي باشلىقلاردىن تۈزۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بەشىنچى قېتىملىق قەشقەر يەرمەنكىسى 4 - قېتىمقىغا قارىغاندا، دەرىجىسى يۇقىرى، كۆرگەزمە دائىرىسى كەڭ پائالىيەت بولۇپ، پاكىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، تاجىكىستان قاتارلىق بىر قىسىم ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەمدە خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل تىجارەتچىلىرى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ باشقا 15 شەھىرى ۋە ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاتناشقان.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا بىلەن خىتاينى سودا - ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلايدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندۇرۇش شۇنىڭدەك بۇ رايوننى ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا سودا - ئىقتىساد نۇقتىسى قىلىشتىن ئىبارە ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تۈزگەنلىكى، قەشقەردىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ شەھەرنى "غەربتىكى شېنجېن" قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇتەخەسسىسلەر قەشقەر قەدىمى شەھەر رايونىنى چېقىپ، ئۇ يەردىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى كۆچۈرۈپ، بۇ شەھەرنى بەش يىل ئىچىدە ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىنىڭ كەلگۈسىدە بۇ شەھەرنى خۇددى ئۈرۈمچىگە ئوخشاش خىتاي مىللىتىنىڭ نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن شەھەرگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە.

قەشقەر دائىرىلىرى قەشقەرنىڭ بەش دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىشتەك ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىپ، ئىچكىرىدىكى خىتاي تىجارەتچىلىرى، كارخانىچىلىرىنى كۆپلەپ بۇ يەرگە كېلىشكە دەۋەت قىلماقتا. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىشى پەرەز قىلىنماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.