قەشقەردە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى باش كىيىم كىيىشى چەكلەندى

ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، شەھەر تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ باش كىيىم كىيىشنى بىردەك مەنئى قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.19

بۇ نۆۋەت ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مائاش ئالىدىغان بارلىق خادىملارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى باش كىيىم كىيىشى چەكلەنگەندىن سىرت يەنە، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا باش كىيىم كىيىشى مەنئى قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۆججەت ئۆتكەن ئۈچ ئايدىن بۇيان قەشقەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك 10 - ۋە 9 - ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھۆججەت روھىغا ئاساسەن، " ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئۇزۇن چاچ قويماسلىق، چاچ رەڭگىنى قارا رەڭدىن باشقا رەڭدە بويىماسلىق، ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك ۋە ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ ئىشقا كەلمەسلىك" قاتارلىق كونكرېتنى تۈزۈملەرنى چىقارغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى غوللۇق مۇنازىرە سەھىپىلىرىدە ھە رخىل پىكىرلەرنى مەيدانغا چىقاردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە چىقىرىپ قەشقەردە ئەر خىزمەتچىلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.