بۇيىل قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە قوش تىللىق بالىلار باغچىسىدىن 75 ى قۇرۇلۇپ بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە يېزىلاردا قۇرۇپ بولغان قوش تىللىق بالىلار باغچىسىنىڭ سانى 75 گە، ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 6338 گە يەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.19

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېزىلىرىدا قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇش ئىشى "ئاپتونوم رايوننىڭ 2008‏ - يىلىدىن 2013‏ - يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇش پىلانى" غا ئاساسەن بۇ يىل 7 ‏ - ئايدا باشلانغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىشقا ناھىيە ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ ناھىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت يەر - زېمىن ئىدارىسى، قانۇن كومىتېتى قاتارلىق تارماقلىرى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلماقتا. بۇ ناھىيىدە ھازىر يەنە 8 جايدا قوش تىللىق بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ناھىيىدىكى قوش تىللىق بالىلار باغچىلىرىنىڭ سانى پات‏ - ئارىدىلا 90 غا يېتىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.