خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە نامايىش پارتلىغان دەقىقىلەردە، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا 200 گە يېقىن ئادەم نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما تىزدىن باستۇرۇلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما قەشقەردىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى قەشقەردىن ھەيدەلگەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرى "مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز" دېگەن لوزۇنكىلار چاپلانغان ھەربىي ئاپتوموبىللاردا قەشقەر كوچىلىرىدا كېچە - كۈندۈز ئايلىنىپ يۈرىدىكەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا زور نىسبەتتە ئەسكەر يۆتكىگەن ۋە يول ئېغىزلىرىغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغان ئىدى.