قەشقەر شەھىرى 'ئەسكەر دېڭىزى' غا ئايلاندى

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىنى ۋەھىمە قاپلىغان بولۇپ، قەشقەرمۇ ئۈرۈمچىگە ئوخشاشلا "ئەسكەر دېڭىزى" غا ئايلانغان. نۆۋەتتە قەشقەر كوچىلىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرى چارلاپ يۈرمەكتە ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-07-24
Share

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە نامايىش پارتلىغان دەقىقىلەردە، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا 200 گە يېقىن ئادەم نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما تىزدىن باستۇرۇلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما قەشقەردىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى قەشقەردىن ھەيدەلگەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرى "مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز" دېگەن لوزۇنكىلار چاپلانغان ھەربىي ئاپتوموبىللاردا قەشقەر كوچىلىرىدا كېچە ‏ - كۈندۈز ئايلىنىپ يۈرىدىكەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا زور نىسبەتتە ئەسكەر يۆتكىگەن ۋە يول ئېغىزلىرىغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغان ئىدى. 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت