قەشقەرگە ساختا دورا كىرگۈزگەن جىنايەتچى لياۋنىڭدا تۇتۇلغان

ئۆتكەن ئايدا، قەشقەر رايونىدا دىئابېت كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن، خىتايدىن كىرگەن 'تاڭجىژنيڭ' دېگەن دورىنى قوللانغان 11 بىمارنىڭ 8 ى رىئاكسىيىلەنگەن. بۇنىڭدىن 2 بىمار يەكەندە ئۆلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.07

شىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساختا دورا سېتىپ ئادەم ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولغان لى دوڭ ئىسىملىك بىر جىنايەت گۇماندارى بۈگۈن خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر بۇنداق ساختا دورىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە سېتىلىش يوللىرىنى ئېنىقلاۋېتىپتۇ.

ئەمما، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ساقچى تارماقلىرى 'جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى بىلەن تەشۋىقات مىنىستىرلىكى بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى چەكلىدى' دەپ چۈشەندۈرۈپ، بۇ دېلونىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مڭباۋ گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق ساختا دورىنى لى دوڭ قاتارلىق 3 كىشى قەشقەرگە كىرگۈزگەن. قەشقەرگە بۇنداق ساختا دورىدىن 10 مىڭ 200 قۇتا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 667 قۇتىسى ئاللىقاچان بىمارلارغا بېرىلىپ بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.