خىتاي دائىرىلىرى قەشقەرنى نوپۇسى نەچچە مىليوندىن ئاشىدىغان 'كاتتا قەشقەر' قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى

27 - ئىيۇن قەشقەردە ئېچىلغان "قەشقەر يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى" دا قەشقەر ئالاھىدە تەرەققىيات رايونىغا قارىتىلغان بىر قىسىم ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.06.28

"ئۇيغۇربىز تورى" دا كۆرسىتىشىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى يې لىن قەشقەردە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان قەشقەر ئالاھىدە تەرەققىيات رايونىغا (تەرەققىيات باغچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) "ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۇچنى يېرىم باھادا بېرىش" سىياسىتى قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، قەشقەر ئالاھىدە تەرەققىيات رايونىغا سېمونتنى كەڭ قويۇۋېتىش، قۇرۇلۇش قىلىدىغان يەر كۆلىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى قوللىنىلىدىكەن.

بۇ خىلدىكى سىياسەتلەردە يەنە، يەر ئىشلىتىش، مەھسۇلات توشۇش ۋە باج تەرەپلەردە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

"خىتاي پوچتىسى" گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، قەشقەردىكى ئالاھىدە تەرەققىيات رايونى قەشقەر ئاتۇش يولى ئۈستىدىكى قەشقەر ئايرودروم يېنىغا قۇرۇلىدىكەن. مەزكۇر تەرەققىيات باغچىسىنىڭ دەسلەپكى كۆلىمى 8.5 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كەلگۈسىدە 160 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

"ئۇيغۇربىز تورى" دا نەقىل قىلىشىچە، يې لىن يەنە كەلگۈسىدە قەشقەرنى نوپۇسى نەچچە مىليوندىن ئاشىدىغان "كاتتا قەشقەر" قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قەشقەر ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، قەشقەردە تېرىلغۇ يەر ئاز ۋە سۇ قىس. شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر تەرەققىيات باغچىسى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە قەشقەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىسىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.