قىرغىزىستان ھاۋا ئارمىيە بازىسىىدىن ئامېرىكىنىڭ چەكلىك پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلدى

بۇنىڭدىن تۆت ئاي بۇرۇن، قىرغىزستان ناتونىڭ، ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ماناس ئايرودرومىدىن پايدىلىنىشغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە يەنە قايتىدىن مۇزاكىرە بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-23
Share

نيۇيورك تايمىس گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى مايكول شۋارتسنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى ئارقىسىدا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۆزىنىڭ ماناس ئايرودرومىنى ناتونىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن سىناق خاراكتېرلىك كېلىشىم ئىمزالاشقا قوشۇلدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قىزغىزستان دائىرىلىرى بۇ كېلىشىمدە، ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماناس ئايرودرومىنى دەرھال قوللانماسلىقىنى، بەلكى ئامېرىكا ئۇنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن ئاندىن قوللانسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قىرغىزىستان پالامىنت ئەزاسى بېگالى نارگوزۇيېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېلىشىم جۈمە كۈنى قىزغىزستان پارلامېنتىدا ئاڭلىتىلىتىپ مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن ماقۇللىنىشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.