قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمىنىڭ تەييارلىقى جىددىي داۋاملىشىۋاتىدۇ

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىشكەكتىن بايان قىلىشىچە، قىرغىزىستاندا ھازىر پارلامېنت سايلىمىنىڭ تەييارلىقى جىددىي داۋاملىشىۋاتىدۇ. سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بېكىتىلىپ بولغان 29 سىياسىي پارتىيىنىڭ ھەممىسى سايلام رىقابىتىنى باشلىۋەتتى. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ سايلام ئۈچۈن ئۈچ مىليون بىر يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاندا بۇيىل 4‏ - ئايدا توپىلاڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، قىرغىزىستان پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتكەن؛ 6‏ - ئاينىڭ 27‏ - كۈنىدىكى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشتا، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللانغان؛ قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت تۈزۈمى پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىن پارلامېنت تۈزۈمىگە ئۆتىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن؛ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى روزا ئوتۇنبايېۋا قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىقىغا بەلگىلەنگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈنچى پرېزىدېنت روزا ئوتۇنبايېۋا 8‏ - ئاينىڭ 9‏ - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ 1‏ - قېتىملىق يېڭى پارلامېنتىنىڭ 10‏ - ئاينىڭ 10‏ - كۈنى سايلاپ چىقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت