قىرغىزىستان ساقچىلىرى ئۈچ ئادەمنى دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر دەپ ئۆلتۈردى

تېخى ئالدىنقى ھەپتىدىلا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال ئابادتا 6 ئادەمنىڭ قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-06-28
Share

بۇ ۋەقەگە ئۇلۇنۇپلا، شەنبە كۈنى كەچتە قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسىمى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆزگەند رايونىدىكى قوش قورغان يېزىسىدا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، بىر قوراللىق گۇرۇپپا بىلەن ئېتىشىپ، ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ ئاكپرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى بۇلارنى يەنىلا ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق دىنىي رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن باغلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنى "ئالفا" دەپ ئاتالغان قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس ئالاھىدە قىسىمى ئىجرا قىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.