قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن قورال ئىشلىتىشنى قارار قىلدى

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش شەھىرىدە ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىدىكى ئېتنىك توقۇنۇش ئىككى سوتكا داۋاملاشقاندىن كېيىن، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ھەربىي قوشۇنلارنى ئوش رايونىغا يۆتكەش ۋە ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش ھەم تەرتىپ ئورنىتىش يولىدا قورال ئىشلىتىش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستاننىڭ 24.كگ ئاگېنتلىقى ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر بۇيرۇق 13 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 13 - ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوش ۋە جالالئابادتىكى توقۇنۇشتا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ئوش رايونىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 13 - ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان قوشۇنلىرى ئوش شەھىرىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىپ، توقۇنۇشنى توختاتقان بولسىمۇ، بىراق ئوشتا يېمەك - ئىچمەك يېتىشمەسلىك كۆرۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن قىرغىزىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىن ئوشقا ياردەم يەتكۈزۈش باشلانغان.

24.كگ ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، جالالئاباد شەھرىدىمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 12 ئادەم ئۆلگەن. 13 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن پۈتۈن جالال ئاباد ئوبلاستى تەۋەسىدە جىددىي ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ئالاھىدە قىسىملار جالال ئاباد شەھىرىگە كىرگەن. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت