قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ نامايىش جەريانىدا ساقچىلار قولىدىن بۇلاپ كېتىلگەن قورال - ياراقلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى بىلدۈردى

قىرغىزىستان "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ مۇۋەققەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باقتىبېك ئالىمبېكوۋ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى 5 - ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىگىچە بۇلاپ كېتىلگەن بارلىق قوراللارنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.05.01

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رەھمىتوللا ئاھمەدوۋ جۈمە كۈنى، پۇقرالارنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە 250 دانە مىلتىق ۋە 19 مىڭ تال ئوقنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما قىرغىز ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 7 - ئاپېرىلدىكى نامايىشتا بۇلاپ كېتىلگەن قورال - ياراقلارنىڭ كونكرېتنى سانىنى ئېلان قىلمىغان. ئەمما قىرغىز ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەقەت تالاستىكى قورال ئىسكىلاتىدىنلا 700 تال قورالنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

7 - ئاپرېل قىرغىز خەلقنى نامايىش قىلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى قۇرمانبېك باقىيېف ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغان. نامايىش جەريانىدا 80 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.