روزا ئوتۇنبايىۋا 'قىرغىز خەلقى باقىيېفنىڭ قىرغىزىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.12
2010.04.12
قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يېتەكچىسى روزا ئوتۇنبايېۋا بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە قىرغىز خەلقنىڭ باقىيېفنىڭ قىرغىزىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى ئالماسبېك ئاتامبايېف دۈشەنبە كۈنى، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرمانبېك باقىيېفنى قولغا ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئۇ، مەزكۇر پىلان ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، قىرغىزىستاندا يەنە قان تۆكۈلۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم سابىق قىرغىز ئەمەلدارلىرى قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت ئەلچىخانىلىرىدىن پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى، رۇسىيە ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باقىيېفنىڭ قىرغىزىستاندىن ئايرىلىشىغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۆتكەن ھەپتە قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە يۈز بەرگەن خەلق نامايىشىدىن كېيىن، باقىيېف جالالئاباتتىكى يۇرتى تەيىتكە قېچىپ كەتكەن ئىدى.
بۈگۈن باقىيېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ۋە ئۇنى تۇتۇش قارارى ئېلىنغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانا يۇرتى تەيىتتە 500 گە يېقىن نامايىشچى يىغىلىپ باقىيېفنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.