قىرغىزىستان سوتى سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفقا 24 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلغان.

2010 - يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبى بىلەن بېلارۇسىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىۋاتقان سابىق قىرغىز پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ئۈستىدىن ئېچىلغان بۇ سوتتا گەرچە باقىيېف ئۆزى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىن دۆلەت رەھبىرىلىك مەنسىپىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مەملىكەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئارتىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.02.17


ئۇنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.

ئەمما، باقىيېفنىڭ ئىنىسى، سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى جانىش باقىيېفقا بولسا قاتىللىق ۋە باشقا بىر قاتار جىنايەتلەر ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سابىق قىرغىزستان پرەزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفنى كۆپ قېتىم بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىدن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو بىشكەكنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

13 - فېۋرال كۈنى بىشكەك شەھىرىدە يەنە 2000 كىشىلىك نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ، نامايىشچىلار 2010 - يىلىدىكى ۋەقە جەريانىدا يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى ھەم باشقىلارنى تەنقىد قىلغان. نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.