قىرغىزستان-تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئالىي كېڭىشى تەسىس قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېشكەكتىن خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ ئەردوغان 2‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-02-02
Share

ئۇ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئوتۇنبايېۋا ۋە پارلامېنت باشلىقى ئاخمېتبېك كېلدىبېكوفلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالماسبېك ئاتانبايىف بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئالىي كېڭىشى تەسىس قىلىشقا كېلىشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە-قىرغىزستان باش مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى قوشما باياناتتا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ۋىزا تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەر يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىمزالىنىپ بولىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاتانبايېف ئاخبارات يىغىنىدا، قىرغىزىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئالىي كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 3‏-ئايدا بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ جاكارلىغان. ئاتانبايېف باياناتىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەر دوغان بىلەن بىرلىكتە، قىرغىزستان-تۈركىيە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىغا، قىرغىزىستاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، چەتئەل مەبلەغلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.