قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى بولدى

يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پارلامېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ سايلامغا قىرغىزىستاندىكى 29 پارتىيىنىڭ 3000 دىن ئارتۇق نامزاتى ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 120 ئورۇندىن تەركىپ تاپقان پارلامېنت سايلام چىقىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن قىرغىزىستان بويىچە ئىككى مىليون 800 مىڭ ئادەم ئۆزىنى تىزىملاتقان.

بۈگۈنكى سايلام نەتىجىسى ئارقىلىق قىرغىزىستان پارلامېنت دۆلىتى سۈپىتىدە قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى پارلامېنت ھەل قىلىدىغان، پرېزىدېنتنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان سىستېما ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلمەكچى. قىرغىزىستان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سايلامغا 55% ئادەم قاتناشقان.
 
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، بەزى سايلام پونكىتلىرىدا سايلامغا خىلاپ قىلمىشلار يۈز بەرگەن، سايلام مەيدانلىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن 7 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋە 14 مىڭدىن ئارتۇق خەلق پىدايىسى ئىشقا سېلىنغان.
 
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن بىرەر قالايمىقانچىلىق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. پۈتۈن قىرغىزىستان بويىچە 2200 دىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىرچە سايلام نەتىجىسى تېخى ئېنىق ئەمەس.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت