قىرغىزىستان باش مىنىستىرى دانىيار ئۇسەنۇف دۆلەت بويىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن قىرغىزىستان باش مىنىستىرى دانىيار ئۇسەنۇف دۆلەت بويىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى. تۆنۈگۈن قىرغىزستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفقا قارشى نامايىش يۈز بەرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن يەنە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم توپلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان چىرىكلىك پەيدا قىلغان نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نامايىشىدا، پرېزىدېنت باقىيېفنىڭ ئىش بىناسى قورشىۋېلىنغان، قىرغىزستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان، دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىگىلىۋېلىنغان. قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ياش بومبىسى قاتارلىقلارنى قوللىنىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە تىرىشقان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى نامايىش مەيدانىدىن 6 جەسەتنىڭ ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى 12 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئامېرىكىنىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى قىرغىزىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقتىن، بولۇپمۇ تالاستا يۈز بەرگەن جىددىيلىكتىن ئەنسىرەپ، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئۆمۈربەك تېكەبايېف باشچىلىقىدىكى نامايىشچىلار بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۈندىگەن.
 
بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، بىشكەكتە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا 10مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ھۆكۈمەت نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى، نامايىشچىلاردىن كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى ۋە يارىلاندۇرۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، "نامايىشچىلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مولدومۇسا كونگانتۇيېفنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن،" دەپ خەۋەر قىلدى.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت