خىتاي ھۆكۈمىتى چۇڭچىڭ شەھىرىدە قىزىل ناخشا ئېيتىشنى چەكلىدى

رادىئويىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ شۆبىسى تۈنۈگۈن، ھازىرقى چۇڭچىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو رەسىملەرنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ فوتو رەسىملەرنىڭ ئىچىدە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئېغىر تىپتىكى ۋە يېنىك برونېۋىكلىرى چۇڭچىڭ شەھىرىدە جىددىي چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بار. شۇنداقلا يەنە، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى چۇڭچىڭ دائىرىلىرى، بۇ شەھەردە قىزىل ناخشا ئېيتىشنى چەكلەش ئۈچۈن چىقارغان ئېلانلارنىڭمۇ فوتو رەسىملىرى بار.

چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىدە ھازىر ۋەزىيەت جىددىي. «چۇڭچىڭ گېزىتى» نىڭ ئاساسلىق سەھىپىلىرى، بۇ شەھەردىكى 28 رايوننىڭ ھەممىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ قارارىنى بىردەك قوللاش ۋە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 18‏-قۇرۇلتېيىنى زور نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىش لازىم دېگەن بۇيرۇقنىڭ تەسۋىرى بىلەن تولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت