قاراماي شەھىرى خىتايدىكى 5 ئالىي مەكتەپتە خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پونكىتى قۇرۇپ، خىتايلاردىن "قوش تىللىق" مائارىپقا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

قارىماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسى 11‏- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، خىتايدىكى 5 ئالىي مەكتەپتە خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پونكىتى قۇرۇپ، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن قارىمايدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە "قوش تىللىق مائارىپ "نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.11.25
 قارىماي شەھىرى جەمئىي 7 ئالىي مەكتەپنى 2011‏‏- يىلى مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان نۇقتىلىق مەكتەپ قىلىپ تاللىغان. ئۇيغۇر ئىلىدىن شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغاندىن سىرت، قالغان مەكتەپلەر پۈتۈنلەي ئىچكىرىدىكى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئاساس قىلغان. يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئوبىكتى قارىماي شەھىرىنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ"نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا -باشلانغۇچلاردىكى ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

قارىمايغا ئىچكىرىدىكى خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش قارارى ئۇيغۇرلاردا "قوش تىللىق مائارىپ"قا بولغان ئەندىشە كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلاردا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشتىكى يەكلەشكە قارشى نارازىلىق يۈكسىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5‏- ئايدا "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار ئۇيغۇرلار ھوقۇق سېستىمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ئەھۋالدا مەركەزنىڭ چاقىرىقىنى ئىجرا قىلىش - قىلماسلىق يەنىلا "شىنجاڭ"دىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئىنساپىغا باغلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.
قارىماي مائارىپ ۋە كادىرلار ئىدارىسى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان، قارىماي شەھىرىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانى جىددىي كۆپىيىپ، بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇنقى 40 مىڭدىن ھازىرقى 60 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن قارىماي شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بۇنىڭغا سىرتتىن كەلگەن كۆچمەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېز كۆپەيگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.