خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى 1016 جايدا " قوش تىللىق" يەسلى سېلىش قۇرۇلۇشى باشلاندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى 1016 جايدا "قوش تىللىق" يەسلى سېلىش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىش باشلىغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پىلان بويىچە سېلىنىدىغان تۇنجى يەسلى قۇرۇلۇشى تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىك يېزىسىدا باشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەسلى مائارىپىنى " قوش تىللاشتۇرۇش " نى رەسمىي ئىجرا قىلىپ، يەسلى مائارىپ قۇرۇلۇشى ۋە يەسلى مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يەسلى مائارىپ قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن، يەسلى مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد 477 مىليون يۈەن ئاجراتقان. لېكىن، ئانا تىلى يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يەسلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى، كۆپچىلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئەندىشە قوزغاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

مەزكۇر قۇرۇلۇشنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئانا تىلى يىتېلمىگەن بوغۇنلاردا پىسخولوگىيىلىك سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ دائىمى ئەزاسى ئەركىن تۇراخۇن ئۈزۈمچىلىكتىكى قوش تىللىق" يەسلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، " قوش تىللىق" مائارىپنىڭ تەرەققىياتى "شىنجاڭنىڭ دەۋر ھالقىغان تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى..........ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى " نى تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.