خىتاي، چاغان مەزگىلىدە لوپ، ئاۋات ناھىيىلىرىدە 20 كىشىنى قۇرئان ئۆگەنگەنلىك سەۋەبىدىن قولغا ئالدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ بۇ چاغان مەزگىلىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق چاغان مەزگىلىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداشتا يەنىلا "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش" نى ئاساس قىلغان بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە، خوتەننىڭ لوپ ۋە ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىلىرىدىكى ئۈچ ئورۇندا ئىلگىرى‏ - كېيىن بولۇپ 20 كىشىنى قانۇنسىز قۇرئان ئوقىغان دەپ قولغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي، دىنىي بېسىمنى ئىزچىل كۈچەيتىپ ئۇلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىسمى ھەمدە قانۇنىي رەسمىيەتلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەپسەندە بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىسپات بەرگەندە، مۇشۇ خىلدىكى، ئائىلىدە قىرائەت قىلىپ، بالىلارغا قۇرئاندىن ساۋات بەرگۈچىلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت