رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھاجەتلىك فىلىم ئاۋسترالىيىدە ئالقىشقا ئېرىشتى

رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھاجەتلىك فىلىم ئاۋسترالىيە فىلىم فېستىۋالىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى مەزكۇر فىلىمگە سېتىلغان بېلەتنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.07.27

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھاجەتلىك فىلىم يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن تۇنجى قويۇلغان بولۇپ، فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى خىتايلارنىڭ كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىك تېرىشىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن فىلىم كۆرسىتىلگەن زالنى ئامانلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ قوغداتقان.

مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ چوڭ فىلىم فېستىۋال بولۇپ، مەزكۇر فېستىۋالغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى، مەزكۇر فىلىمنى فېستىۋالدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، فېستىۋال مەسئۇللىرىغا بېسىم ئىشلىتىش، ئوز فىلىملىرىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش ۋە فېستىۋال توربېتىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ھەرىكەتلەرنى قوللانغاندى.

فىلىمنى ئاۋسترالىيىلىك فىلىم ئىشلىگۈچى جەف دانىېل ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ مەزكۇر فىلىمگە شۇنچە كۈچلۈك قارشىلىق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.